RFA
يورۇق ساھىللار
ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Μην παραλείψεις να επισκεφτείς τη σελίδα του podcast και να στηρίξεις τον δημιουργό: shows.acast.com
Δημιουργός
RFA
Κατηγορία
Ιστοσελίδα του podcast
Τελευταίο επεισόδιο
18 Μαρ 2025
Πού να ακούσεις;
Podcast στην εφαρμογή Replaio Radio Έρχεται σύντομαΤα podcast έρχονται σύντομα στην εφαρμογή. Εγκατάστησέ την τώρα και δες πρώτος μια εντελώς νέα προσέγγιση στα podcast
Επεισόδια
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57): بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە 18.03.2025 12:49
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن تارىخ دەرسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ، شۇنداقلا سولچى ۋە كوممۇنىستلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخسۇس تەۋسىيەسى بىلەن 1947-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ پايتەختى نەنجىڭگە بېرىپ، «گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىللەتچى خىتاينىڭ يې...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟ 04.03.2025 12:00
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1936-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ئىدى. كىتابنىڭ 800 بەتتىن ئاشىدىغان قوليازمىسى 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن، كەشمىردىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىت...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (55): تەمىرات نازىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولغان يىللاردا 18.02.2025 11:26
1946-يىلى 6-ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى ئېلان قىلىنغاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ھۆكۈمەت ھەيئىتى، قوشۇمچە تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە قايسى ۋەزىپىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك تالاش-تارتىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. گومىن...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (54) : «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى 21.01.2025 10:35
1948-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۇلۇبىدا تارىخىي ئوپېرا- «قۇتلۇق تۈركان» نىڭ دەسلەپكى بىرقانچە پەردىسى قويۇلىدۇ. مەزكۇر ئوپېرانى كۆرگەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى پارلاق مىللىي مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ياش ھەۋەسكارلار چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنگە قەدەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى، جۈملىد...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (53): «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى!» 07.01.2025 10:25
شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا توپلانغان مىڭلىغان جامائەت ئىككى تاۋۇتنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە قوشكۆۋرۈك (نەنلياڭ)تىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بېلىگە ئاق باغلاپ، دۇئا-تەكبىرلەر ئېيتىپ، سۈكۈت ئىچىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈر...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (52): «‹دەرنەك›-پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبىرى» 05.11.2024 13:02
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ نۇتقىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «‹دەرنەك› مەلۇم بىر سىياسىي گۇرۇھ ياكى ئېقىمنىڭ ئاۋازى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبەردۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي مۇھى...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (51): «دەرنەك» يورۇتقان قەلبلەر 10.09.2024 14:18
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر 1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، «ئالتاي» نەشرىياتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئۇنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارمىقىدا «ئەرك» گېزىتىنى نەشىر قىلىشقا باشلايدۇ. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا «دەرنەك» نامىدا مەخسۇس ئىلىم مۇنبىرى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تۈركچىلىك ئاساس...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (50): «مىللەتچىلەر زادى كىمگە قارشى؟» 20.08.2024 11:51
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «مىللەتچىلەر كىمگە قارشى؟» ناملىق ماقالىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنى «پانتۈركىزم» قالپىقى بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا توپلانغان تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابچىلىرى باشلىغان مۇقەددەس مىللىي ئىنقىلابقا قارشى...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (49) : «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» 02.07.2024 13:14
ئۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي غايىسى «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يېزىلغان «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز»، شۇنداقلا «ئىرقىمىز تۈركدۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن ئالتە شوئارغا مەركەزلەشكەن ئىدى. يۇقىرىقى ئالتە شوئارنىڭ ئاستىدا يەنە جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر قىبلىنامىسى بولغان «تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىك!» دېگەن شوئارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (48): «ئەرك» گېزىتى قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟ 18.06.2024 13:59
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ «ئەرك» گېزىتى تەسىس قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياشلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان بىر گېزىتكە ئايلىنىشىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قەلىمى پىشقان ئوتتۇرا ياشلىق يازارلاردىن باشقا، 20-30 ياش ئارىسىدىكى ياش بىر ئەۋلاد قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. Hosted on Acast. See acas...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (47): «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» 04.06.2024 12:53
بۇغراغا قىلىنغان بۇ سۇيىقەست پاش بولغاندىن كېيىن، خوتەندە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خوتەنگە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇغرا كەسكىنلىك بىلەن: «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقىمنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» دەپ جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. Host...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (46): خوتەن ۋىلايتىدە دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش 23.04.2024 13:53
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىن ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى، بۇغرانىڭ سىياسىي كۈرەش ھاياتىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كەسكىن سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. Hosted on...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (45): «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا 02.04.2024 13:23
«ئالتاي» نەشرىياتى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بىر مىللەتچى پارتىيە قۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما شەرت-شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك «ئالتاي» نەشرىياتى نامىدا ب...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (44): «ئالتاي» مەجمۇئەسىدىن «ئالتاي» نەشرىياتىغىچە 19.03.2024 12:54
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدا «ئالتاي» نامىدا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بىلەن كېيىنچە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتى ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىدا 1943-يىلىدىن باشلاپ «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ باش مۇھەررىرىلىكىنى، شۇنداقلا 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغا...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (43) : «ئون بىر بىتىم» ۋە «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» توغرىسىدىكى جىددىي تارتىشمىلار 27.02.2024 12:56
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىكى سەرخىللار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبىتى» گە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئەمما ئۇلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» نىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى قالقان قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلىپىن...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (42): ئالىي مۇختارىيەتتىن مۇستەقىللىققىچە 13.02.2024 14:00
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەيلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بولسۇن ياكى «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ياكى تايانماسلىق مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more informat...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (41) : «ئۈرۈمچى سۆھبىتى» ۋە ۋەتەنگە قايتىش 30.01.2024 12:22
ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، يات تۇپراقلاردا سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللارغا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئۇپۇقىدا پارلىغان ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە يىللارچە سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللار ۋەتەن...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (40): «ۋەتەن تۇپراقلىرى كۆزىمىزگە سۈرمە بولسۇن!» 16.01.2024 12:08
شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا بىر ئىنقىلابچى، بىر قوماندان، بىر مۇدەررىس، بىر تارىخچى ۋە بىر سىياسىي كۈرەشچى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باشقىلار ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن يەنە بىر ئالاھىدە ئەدەبىي كىشىلىكى مەۋجۇتكى، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ بارلىقىنى ۋەتىنىگە تەسەددۇق ئەيلىگەن شائىرلىق دۇنياسىدۇر! Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (39): گومىنداڭ مەركىزىدە شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى 12.12.2023 12:54
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق گومىنداڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىيونلارنىڭ 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭچىڭدا ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى-مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى بولغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (38): «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى 24.10.2023 14:17
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا، شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى؛ خىتايدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن تارىخچى جيەن بوزەن، ئەدىب گومورۇ قاتارلىقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىپ، بۇغرانى غالىپ، لى دۇڭفاڭنى مەغلۇپ دەپ ئېيتقانلىقىنى؛ ھەتتا خىتاي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سۇن كې (سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى)، خىتاي تەپتىش مەھكى...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (37): خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ بىلەن بولغان «قەلەم كۈرىشى» نىڭ باشلىنىشى 10.10.2023 12:48
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە يازغىنىدەك، تەكلىپ لايىھەسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «تۈرك» مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك ماددىلار، چېن گوفۇ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرىن...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (36): گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا سۇنۇلغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» 27.09.2023 13:54
گومىنداڭ مەركىزىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى تەييارلاپ چىققان. مەزكۇر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا ي...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (35) : گومىنداڭ مەركىزىدە قەلەم كۈرىشى ۋە مەتبۇئات ئىنقىلابى 12.09.2023 14:15
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى 4-ئايدا كالكۇتتادىن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندا، ئىچكىي خىتاينىڭ نەنجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە لەنجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك بىر جامائىتى مەۋجۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت تەھلىكىسى ھەمدە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تەقىپلىرىدىن قېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (34): خىتاي پايتەختى چوڭچىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەر 29.08.2023 14:52
خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلى 4-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرەسىگە قارىغاندا، ئۇنى چوڭچىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق م...
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (33) : بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چىقارغان مۇراجىئەت 11.07.2023 15:27
1943-يىلى 2-ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى؛ 4-ئايغا كەلگەندە خانىمى ئامىنە بۇغرانى ئېلىپ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى مۇھاجىرەت يىللىرى (1934-1943) دىكى سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى ئاز ك...
Το Replaio δεν είναι εκδότης podcast - τα ονόματα των εκπομπών, τα εξώφυλλα και ο ήχος ανήκουν στους δημιουργούς τους και διανέμονται μέσω δημόσιων ροών RSS